تۈركىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئەردوغان غەلىبە قىلدى

28-ماي كەچتە تۈركىيە ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەھمەت يەنەر پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشقان نامزاتلار ئېرىشكەن نەتىجىلەر ھەققىدە مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەردى.

تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى باشلىقى ئەخمەت يەنەر 28-ماي ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىپ، جۇمھۇر ئىتتىپاقى نامزاتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ 27 مىليون 725 مىڭ 131 ئاۋاز بىلەن ئومۇمىي بېلەتنىڭ %52.14 گە، مىللەت ئىتتىپاقى نامزاتى كامال قىلىچدارئوغلىنىڭ 25 مىليون 432 مىڭ 951 ئاۋاز بىلەن %47.86 گە ئېرىشكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانلىقىنى، بۇ سايلامنىڭ تۈركىيە خەلقىگە خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، چەت ئەلدىكى بېلەت تاشلاشقا تىزىملاتقان تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ سايلىغۇچى بولۇپ، بۇلار ئۈچۈن 73 دۆلەتتىكى 151 ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا 167 نۇقتىدا سايلام ساندۇقى تەسىس قىلىنغان. چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى 24-مايدا ئاخىرلاشقان. تاشلانغان بېلەتلەر ئايروپىلان ۋە دىپلوماتىك تېز يوللانما ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن.

تۈركىيەنىڭ 13-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ئەردوغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا: «بۈيۈك تۈرك زەپەرى بىلەن باشلانغان تۈرك ئەسىرى. بىزنى يەنە بىر قېتىم غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن خەلقىمىز ياشىسۇن. تۈركىيە ئەسىرى مۇبارەك بولسۇن، بۈيۈك تۈركىيە غەلىبىسى خەيرىلىك بولسۇن» دەپ يازدى.

پىرېزىدېنت ئەردوغان ئىككىنچى ئايلانما پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم ئەنقەرەدىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىنىڭ بالكونىدا خەلققە خىتاب قىلدى. ئۇ خىتابىدا ئالدى بىلەن ئاۋاز بەرگەن بارلىق پۇقرالارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، سايلامدا ۋەزىپە ئۆتىگەن خادىملارنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىزلا غەلىبە قىلمىدۇق، بەلكى تۈركىيە غەلىبە قىلدى، بارلىق خەلقىمىز غەلىبە قىلدى. نۆۋەتتىكى مىللىي نىشانىمىز، مىللىي ئارزۇلىرىمىزنى چۆرىدەپ ئىتتىپاقلىشىدىغان ۋە بىرلىشىدىغان پەيت كەلدى» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى 14-ماي ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى %50تىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئىككىنچى ئايلانما سايلام 28-مايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1583 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2023 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق