خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى: ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان بىزنىڭ چېگرادىن كىرمىدى

ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ كورىيەدىن خوڭكوڭغا كىرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلىكى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن كېيىن، خوڭكوڭ دائىرىلىرى بۇ ئەھۋالنى ئىنكار قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئالدىنقى جۈمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ كورىيەدىن خوڭكوڭغا كىرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى ۋە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن دەرھال بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

«ئەتىگەنلىك گېزىت»نىڭ 28- مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدىن كېيىن خوڭكوڭ دائىرىلىرى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خوڭكوڭغا كىرمىگەنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كورىيەدىن خوڭكوڭغا كىرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن. ئۇ دوستلىرىغا قىلغان ئاخىرقى ئۇچۇرىدا ئۆزىنىڭ خوڭكوڭ ئايرودۇرۇمىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قانۇنسىز ھالدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئەۋەتىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن ئابدۇۋەلى ئابدۇراھماننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دەرھال مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 884 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2023 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق