خىتاي تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرماقتا

خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، نۇقتىلىق تۈرلەرگە 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، ھازىرغىچە 42 مىليارد 90 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 27-مايدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتكەن بولۇپ، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستان بويىچە نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە 42 مىليارد 90 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ئېلېكتىر تورى ۋە تەبىئىي گاز تۈرىدىن ئىلى-بورتالا-شىخو-فېڭخۇاڭ II قايتما لىنىيەسى، فېڭخۇاڭ- شىمالىي ئۈرۈمچى II قايتما لىنىيەسى، فېڭخۇاڭ-ياجۇڭ II قايتما لىنىيەسى، شىخەنزە، ئۈرۈمچى-سانجى لىنىيەسى قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بار ئىكەن.

ئۇندىن باشقا بايىنغولىن-تىكەنلىك-چاقىلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، غۇلجا كان رايونى ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارنى بىرلەشتۈرۈش رايونىدىكى يىتەي ئىلى كانچىلىق شىركىتىنىڭ كۆمۈر كان تۈرى قاتارلىق توققۇز نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرىدە يېڭىدىن ئىش باشلانغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا 16 مىليارد 470 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان. شەرقىي جۇڭغار ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 4-لىنىيەسى تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى، پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ كان رايونى 1-نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تۈرى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقلارنى ئۈزلۈكسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تالان-تاراجنى زور دەرىجىدە كۈچەيتمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەتلا خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، بەلكى نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1253 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2023 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق