خىتاي ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغۇچىلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەسكىرى تەييارلىقنى ئاشۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا خەلقنى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرى دۇڭچۈەن دائىرىلىرى بىر كىشىنى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك سەككىز تۈرلۈك جىنايەت بىلەن جازالىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جازالانغان كىشى ئەسكەرلىككە ئۆتكەندىن كېيىن، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئىلتىماس قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئىككى يىل ئىچىدە چەت ئەلگە چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىشىگە بولمايدىغانلىقى، نوپۇس دەپتىرىدىكى «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش» دېگەن كاتەكچىگە «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان» دېگەن خەت مەڭگۈ ئەسكەرتىلىدىغانلىقى، ئىككى يىل ئىچىدە ئۆرلەپ ئوقۇش (قايتا ئوقۇش) رەسمىيىتى بېجىرىشىگە بولمايدىغانلىقى، مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر نەپىقىسى، ئېتىبار سىياسىتى بىكار قىلىنىدىغانلىقى، بىر قېتىملىق 22 مىڭ 500 يۈەن ئىقتىسادىي جازا بېرىلىدىغانلىقى، ئىككى يىل ئىچىدە كىرېدىت ئېتىبار سىياسىتى مەدىتىگە ئېرىشىشىگە بولمايدىغانلىقى، ئىككى يىل ئىچىدە سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىشىگە بولمايدىغانلىقى قاتارلىق جازالارنى ئىجرا قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر كىشى يېڭى مەشىق بازىسىغا بېرىپ مەشىققە قاتناشقان بولۇپ، گازارمىغا كىرگەندىن كېيىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم قىسىمنىڭ تۇرمۇشىغا ماسلىشالمىغانلىقىنى ئېيتىپ، يېڭى تەربىيەلەش ئورنىغا ئەسكەرلىكتىن چېكىنىش ئىلتىماسى سۇنغانلىقى سەۋەبلىك سەككىز تۈرلۈك جازا بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىندىن بېرى ئۈزلۈكسىز قوشنا ئەللەردىن زېمىن دەۋاسى قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سانى ۋە كۆلىمىنى كۆپەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى جار سالماقتا ۋە تەيۋەنگە بېسىپ ئىشلىتىپ، ھەيۋە قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 652 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2023 17:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق