تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيەسى مەبلەغ سالغان سەككىز شىركەتكە زەربە بەردى

تەيۋەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى ئۆتكەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، تەيۋەندىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەبلەغ سالغان سەككىز شىركەت ياكى تەتقىقات مەركىزىگە بىرلا ۋاقىتتا زەربە بېرىپ، خىتاي ئورگانلىرىنىڭ تەيۋەندىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تارتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

ئامېرىكا ئاۋازى تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش ئىدارىسى 26-ماي كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، كۆپ يىللىق تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، تەكشۈرۈلگەن ئورۇنلارنىڭ چەت ئەل شىركىتى قىياپەتكە كىرىۋالغان، خىتاي كومپارتىيەسى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى، خىتاي چەت ئەل مەبلىغى ۋاسىتىسى بىلەن تەيۋەندە تارماق ئاپپارات تەسىس قىلغانلىقىنى، خىتاي كاپىتالى بىرلا ۋاقىتتا نىقابلانغان ھالدا تەيۋەن پايتەختى نامىدا ئىككى شىركەت قۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىرى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر كىشىلەر دەرھال باشقا شىركەت نامىدا تەيۋەندە سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە يوللارنى ئىشلىتىپ تەيۋەنلىك تېخنىكا خادىملارنى ئوۋلاشقا تىرىشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەننىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك سانائىتى دۇنيانى قاپلاپ يەرشارى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك كەسپىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن رىقابەت سەۋەبىدىن، ئامېرىكا تەدبىر قوللىنىپ ئالىي دەرىجىلىك ئۆزەك ۋە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىمەكتە ۋە بۇ ساھەدە تېخنىكىغا ئىگە بولمىغان خىتاي نۆۋەتتە جىددىيلەشكەن ھالدا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئامېرىكا ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ماتېرىياللارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 595 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2023 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق