گوللاندىيەدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

 27- 28-ماي كۈنلىرى گوللاندىيەدە 2023-يىللىق ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يەرمەنكىنى چەت ئەللىكلەر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر زىيارەت قىلغان.

يەرمەنكىنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا چەت ئەللىكلەر، رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە يەرلىك خەلق زىيارەت قىلغان.

بۇ قېتىملىق يەرمەنكىگە ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى، تۈرلۈك  تاماقلار، چالغۇ ئەسۋابلار، تۈرلۈك پىشۇرۇقلار سېلىنغان. يەرمەنكىگە كەلگەن گوللاندىيەلىكلەر، تۈركلەر ۋە باشقا مىللەتلەر ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرىنى تېتىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە تەملىك ئىكەنلىكىنى ماختاشقان.

يەرمەنكىنى يەنە زايست شەھەر باشلىقى كوس يانسىن ئەپەندىم بىلەن ياردەمچىسى كونىڭ خانىم بىرلىكتە زىيارەت قىلغان.  بۇ جەرياندا كوس يانسىن بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھىم نۇقتىلاردا مەسلىھەت قىلىش پۇرسىتى بولغان.

بۇ يەرمەنكە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، يەرمەنكىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆزئارا تونۇشۇشقا يېتەكلەش ھەمدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئىكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر يەرمەنكە گوللاندىيەدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1341 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2023 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق