شايار ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدە 29-ماي 3.7 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 29-ماي ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 20:17 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.32  گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.92 گىرادۇس) 3.7 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 16 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي رېجىمى ئىلگىرىكىدەكلا ئاپەتنىڭ تاغلىق رايوندا ياكى ئائىلە ئولتۇراق رايوندا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1271 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2023 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق