تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەبلەغ فوندى قۇرۇلدى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ «تۈرك مەبلەغ فوندى» رەسمىي تەستىقتىن ئۆتكەن بولۇپ، تۈرك دۇنياسىدىكى تارىخىي باشلىنىش، دەپ تەرىپلەنمەكتە.

يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەزەربەيجان پارلامېنتى «تۈرك مەبلەغ فوندى» قۇرۇش كېلىشىمىنى 2-ئىيۇن رەسمىي تەستىقلىغان. بۇ فوندىنىڭ قۇرغۇچىلىرى تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، فوند قۇرۇش لايىھەسى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيوفنىڭ تەستىقىدىن كېيىن رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرىنچى باسقۇچلۇق مەبلەغ 500 مىليون دوللار قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر فوند تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزالىرى ئارىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن.

تاراتقۇلار بۇ فوندنى تۈركىيە دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىغان تارىخىي قەدەم، دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، بۇ فوند ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش ماتورى بولغان ئىقتىساد، سودا، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. فوندنىڭ مەركىزى ئىستانبۇل بولۇپ، تەشكىلىي ئىشلىرىدا ئىستانبۇل ئاساسلىق رول ئوينايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1543 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2023 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق