ئەردوغان قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ

ئالدىنقى ھەپتە قايتىدىن تۈركىيە پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2028-يىلىغىچە داۋاملىشىدىغان يېڭى دەۋردىكى ۋەزىپىسىنى قەسەم بېرىپ رەسمىي باشلايدۇ.

تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۇنجى مۇراسىم پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەردوغان تۈركىيە پارلامېنتىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى دەۋلەت باھچەلى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەردوغاننى پارلامېنت ھويلىسىدا كۈتۈۋالدى. رەسمىي ئەسكىرى مۇراسىمدىن كېيىن، 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت دۆلەت باھچەلىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى. ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن باشلانغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

قەسەم بېرىش مۇراسىمى جۈمە ۋە شەنبە ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، پىرېزىدېنت ئەردوغان تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىن زالىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىىسىنى باشلايدۇ.

دۇنيا ئەللىرى بۇ مۇراسىمغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تۈركىيەگە كېلىپ، پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن مۇھىم سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدىكەن.

مۇراسىمغا يەنە ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيوف، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان قاتارلىق قاتنىشىدىكەن؛ بۇنىڭدىن باشقا سومالى، ئالجىرىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرمۇ پىرېزىدېنت دەرىجىسىدە قاتنىشىدىكەن.

پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ بەزى دۆلەتلەرگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن باش ئەلچى جېفرى فلېيك، رۇسىيەگە ۋاكالىتەن پارلامېنت رەئىسى ۋياچېسلاۋ ۋولودىن قاتنىشىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1723 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2023 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق