ئەردوغاننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىندى

ئالدىنقى ھەپتە يەنە بىر قېتىم تۈركىيە پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان رەجەپ تاييىب ئەردوغان 2028-يىلىغىچە داۋاملىشىدىغان پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىم پايتەخت ئەنقەرەدىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، جۈمە-شەنبە ئىككى كۈن داۋام قىلدى. پىرېزىدېنت ئەردوغان تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىن زالىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سارايدا ۋەزىپە باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئەللىرى بۇ مۇراسىمغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ۋەزىپە باشلاش مۇراسىمىغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پىرىزىدېنلىرى، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيوف، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، سومالى، ئالجىرىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتلىرى ۋە ۋەكىللىرى، ئەرەب دۇنياسى رەھبەرلىرى قاتارلىق 78 دۆلەت رەئىسى، ۋەكىللىرى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھەمدە نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

پىرېزىدېنت ئەردوغان مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە بارلىق مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۆزىنى كەلگۈسى بەش يىلدا ۋەزىپە ئۆتەشكە لايىق كۆرگەن خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى مۇھىم خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقا سۆز قىلدى. ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ مەنىۋى كۈچىگىمۇ ئىشارەت قىلىپ، تۈركىيە ئۈچۈن كۆزلىرى ياش دۇئا قىلىۋاتقان مىليونلىغان مەزلۇملار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇراسىم تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباشنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2564 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2023 19:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق