تۈركىيەنىڭ يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتى ئېلان قىلىندى

 3-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن چانكايا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پىرىزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتىنى ئېلان قىلدى.

ساباھ گېزىتىنىڭ 4-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پۈتۈن دۇنيا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مىنىستىرلار كابىنېتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسويدىن باشقا مىنىستىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى مىنىستىرلار تەيىنلەندى.

يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتى تۆۋەندىكىچە:

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت: جەۋدەت يىلماز

ئەدلىيە مىنىستىرى: يىلماز تۇنچ

ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت مىنىستىرى: ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش

ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى: ۋەدات ئىشىكخان

مۇھىت ئاسراش، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرى: مەھمەت ئۆزھاسەكى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خاقان فىدان

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى: ئالپئارسلان بايراقتار

ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى: ئوسمان ئاشكىن باك

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى: مەھمەت شىمشەك

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: ئەلى يەرلىكايا

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى: مەھمەت نۇرى ئەرسوي

مائارىپ مىنىستىرى: يۈسۈپ تەكىن

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: ياشار گۈلەر

سەھىيە مىنىستىرى: فاھرەتتىن كوجا

سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى: مەھمەت فاتىھ كاجىر

يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى: ئىبراھىم يۇماكلى

سودا مىنىستىرى: ئۆمەر بولات

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى: ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلى

نۆۋەتتە ھەرقايسى مىنىستىرلىقلاردا ئارقا-ئارقىدىن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1753 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2023 19:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق