ئىبراھىم قالىن تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننى تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.

تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پىرىزدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتنىڭ ئىچىدە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى خاقان فىدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىقىغا كىمنىڭ تەيىنلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھەرخىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

ئەردوغاننىڭ قارارى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىبراھىم قالىن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: پىرىزدېنت ئەردوغانغا ۋە يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىگەنلەرگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، «كۈچلۈك، بىخەتەر ۋە مۇستەقىل تۈركىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا داۋام» دەپ ئۇچۇر يوللىدى.

شۇنداقلا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ ئورنىغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن خاقان فىداننىمۇ ئەنگلىيە، ئەزەربەيجان، شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تەبرىكلىدى.

نۆۋەتتە ھەر ئىككى دىپلوماتنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئارقا كۆرۈنۈش، مول تەجرىبە ۋە قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1909 قېتىم كۆرۈلدى
06/06/2023 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق