قاتار تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا

ئالدىنقى ھەپتە قاتار ئەمرى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان قاتارلىق تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن زىيارەت قىلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ زىيارەتنى خىتاينى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن يىراقلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىلىكھا خەۋەر تورىنىڭ 4-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، قاتار ئەسىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمىد ئەلسانى ئۆزبېكىستاننى تۇنجى زىيارەت قىلىپ پىرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويوف بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ ھەقتە ئۆزبېكىستان تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئېنېرگىيە، تەبىئىي گاز، خىمىيە سانائىتى، دېھقانچىلىق ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكى، شۇنداقلا خەلقئارا سىياسەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ رايونغا كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

7-ئىيۇن قىرغىزىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېنبېك قۇلۇبايوف مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قۇلۇبايوف سۆزىدە قىرغىزىستان بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي دىيالوگنىڭ تەرەققىيات، ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە، يېشىل ئىقتىساد كارىدورى، ساياھەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى ئاساس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قاتار ئەمرى تەمىم بىن ھەمىد ئەلسانى يەنە تاجىكىستان، قازاقىستان قاتارلىق تۈرك دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغان. زىيارەت جەريانىدا ئوخشاشلا تەرەققىيات، ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە، يېشىل ئىقتىساد كارىدور مەسىلىسى، ساياھەت قاتارلىق 13 ساھەدە ھەمكارلىشىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولغان قاتار ئەمرى تەمىم بىن ھەمىدنىڭ ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلات ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىش نىشانىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم قاتارنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى تۇنجى زىيارەت قىلىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ زىيارەتنىڭ خىتاينى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ھەمدە تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردىن يىراقلاشتۇرۇش پىلاننىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1941 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2023 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق