پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بايانلىرى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى

خىتاي رېجىمى پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئورتاق باياناتتىكى پەلەستىن تەرەپنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بايانلىرى مۇھاجىرەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

فوكس خەۋەرلىرىنىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنى خىتاي خەلق سارىيىدا ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالغان. شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشتا پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈچ ماددىلىق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ نېگىزلىك ھەل قىلىنىشىنىڭ 1967-يىلدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان ۋە پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇشتا ئىكەنلىكى، ئىككىنچىدىن، پەلەستىن ئىقتىسادىنىڭ ئېھتىياجى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىنگە تەرەققىيات ياردىمى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكى، ئۈچىنچىدىن، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ يىل خىتاي-پەلەستىن مۇناسىۋىتىنىڭ 35 يىللىقى بولۇپ، ئىككى تەرەپ 2018-يىلى ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان. مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىلى ئىككى تەرەپنىڭ سودا مىقدارى 160 مىليون دوللارغا يېقىنلىشىپ، 2021-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %23.2 ئاشقان.

خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان پەلەستىن مەسىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى پەش قىلىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارغا ياخشىچاق كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ۋە ئىسلامغا قارشى تېررور سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇشقا كۈچىمەكتە. شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە ئالاھىدە يېقىنلىشىشى ۋە مەھمۇت ئابباسنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشى خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان ئوتتۇرا شەرقتە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرگە ئېرىشىش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر قەدىمى دەپ قارالماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي بىلەن پەلەستىن بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان ۋە قوللايدىغان ياخشى دوست ۋە ياخشى شېرىك ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ تۇنجى بولۇپ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقى ھەمدە كۆپ تەرەپلەردە پەلەستىن ئۈچۈن داۋاملىق سۆز قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى دەۋا قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بىر تەرەپتىن پەلەستىننى قوللاش بىلەن بىرگە يەنە رايوندىكى دىپلوماتىك مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىش ۋە يۇقىرى تېخنىكىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلمەكتە. ئابباسنىڭ زىيارىتى خىتاينىڭ ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىدىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىككى رەقىب ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، رىياد-تېھراننىڭ يېقىنلىشىشى دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئامېرىكىنى ئاستا-ئاستا رايوندىن چېكىنىپ چىققاندەك ھېس قىلغاچقا، خىتاي ئۈچۈن دىپلوماتىك غەلىبە دەپ قارالماقتا.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت باشلىقى يەنە خىتاي-پەلەستىن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى «ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە» دەپ ئاتىغان.

مەھمۇد ئابباس بولسا خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ۋە خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ پەلەستىن دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار تەرەققىيات تۈرلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىنى ئالاھىدە قەدىرلەيدىغانلىقىنى، تېخنىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تېزدىن ئەۋەتىلىپ، بۇ تۈرلەرنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئابباس يەنە: «پەلەستىن خەلقىگە ۋاكالىتەن، خىتاينىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈچلۈك قوللىغانلىقى ۋە پىداكارلىق بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. خىتاي پەلەستىننىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى، پەلەستىن تەرەپ خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ ۋە بىر خىتاي پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. پەلەستىن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، "بىر بەلباغ، بىر يول" تۈرىنىڭ ئورتاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەلەستىن-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. پەلەستىن تەرەپ شى جىنپىڭنىڭ يەر شارى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى، يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەر شارى مەدەنىيلىكى تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىران سۆھبىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇرەسسە قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ، خىتاينىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى بالدۇر ۋە ئادىل ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. پەلەستىن خىتاينىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئادىل مەيدانىغا ئىشىنىدۇ. بىز خىتاينىڭ پەلەستىننىڭ ئىچكى يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە باشقا ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىغان بولۇپ، خىتاي بىلەن پەلەستىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقى ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورىدا مەزكۇر بىرلەشمە باياناتنىڭ تولۇق تېكىستى بېرىلگەن بولۇپ، بىرلەشمە باياناتنىڭ 1-ماددىسىدىلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

بىرىنچى ماددىدا مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: «ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قوللايدۇ. پەلەستىن بىر خىتاي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ھەمدە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ھەر قانداق كۈچكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ۋە پۈتكۈل خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قايتا تەكىتلەيدۇ. ھەر قانداق شەكىلدىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، تەيۋەن بىلەن ھەرقانداق تەرىقىدىكى رەسمىي ئالاقىدە بولمايدۇ، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى بارلىق تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. خىتاينىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ ۋە خىتاينىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم رامكىسىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، قەتئىي ھالدا خوڭكوڭ مەسىلىسى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، دەپ قارايدۇ. قەتئىي ئىشىنىدۇ. تاشقى كۈچلەرنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا، رادىكاللىقنى يوقىتىشقا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەيدۇ. پەلەستىن شىنجاڭ مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ».

مەزكۇر باياناتتىكى شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار مەزمۇنلار مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە غەزىپىنى قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1586 قېتىم كۆرۈلدى
15/06/2023 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق