ئۇيغۇر ھاجىلار نەگە غايىب بولدى؟

ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، 2020-يىلىدىن بۇيان دۇنياغا ئاپەت بولغان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلالمىغان مۇسۇلمانلار بۇ يىل ھەرخىل چەكلىمىلەر بولمىغان تەرىقىدە، ھەج قىلىش ھاياجىنى ۋە خۇشاللىقى ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىككى ھەرەمگە قاراپ يولغا چىقماقتا.

ئەمما بۇ پەيتلەردە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى توختىماي داۋراڭ سالىدىغان خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ يىل ھەتتا خىتاي ۋىرۇسىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا دۇنيانى ئالداش، كۆز بويامچىلىق قىلىش ۋە ھەج ئىبادىتىنى ئىبادەت روھىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، «مەن جۇڭگو پۇقراسى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىتىش مۇراسىملىرىغا ئايلاندۇرۇۋالغان چاغلاردىكىدەك بولسىمۇ، ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ كۆزگە چېلىقماسلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي رېجىمىنىڭ ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك بىردىنبىر رەسمىي تور بېتى بولغان ئاتالمىش «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى» ئورگان تورىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل خىتايدىن كەلگەن تۇنجى ھاجىلار ئۆمىكى 27-ماي نىڭشيانىڭ يىنچۈەندىن ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلاندا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ 2023-يىلدىكى خىتاي مۇسۇلمانلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھەج پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ۋە تۇنجى تۈركۈمدىكى ھاجىلارنىڭ يىنچۈەن، شىزۇشەن ۋە نىڭشيادىكى باشقا جايلاردىن كەلگەن 386 ئادەم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ جىددەدىكى باش كونسۇلى ۋاڭ چىمىن ۋە خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى، خىتاي ھەج خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن باشلىقى ما جۇڭپىڭ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ھاجىلارنى قارشى ئالغان ۋە يەنىلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «ياخشى دىنىي سىياسىتى»، ھەج پائالىيىتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، بىخەتەر، تەرتىپلىك ۋە مەدەنىيەتلىك ھەج قىلىش قاتارلىق تېمىلاردىكى سەپسەتىلىرىنى تەكرارلىغان.

ئەمما مەزكۇر ئورگاننىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر ھاجىلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق بولۇپ، پەقەتلا 2016-يىلىدىكى ئۇيغۇر ھەج ئۆمىكىنىڭ خەۋىرى «شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى باشلىدى» ماۋزۇسى بىلەن بېرىلگەن. مەزكۇر خەۋەردە خىتاينىڭ ئوخشاشلا ئاشۇ يىللاردىمۇ بىر ئۆمۈر تاپقان-تەرگىنىنى بىر قېتىم ھەج قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئاتىغان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى دەخلىسىز ھەج ئادا قىلغىلى قويماستىن، مۇقەددەس تۇپراقلاردا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىر قاتار ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك» پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھەج قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى «مەن جۇڭگو پۇقراسى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەتكەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار نومۇسسىزلارچە ئورۇن ئالغان. ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ ھەج ئىبادىتىنىڭ روھى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىشلار بىلەن ھەج قىلغۇچىلارنى ئاۋارە قىلغاندىن باشقا، ئۇلارغا سۆزلەتكەن جۈملىلەرمۇ كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان دەرىجىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇتۇقنىڭ بىرىدە: «باشقا دۆلەتلەردىكى ھەجگە سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ جۇڭگو ھەج گۇرۇپپىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەندىن كېيىن، ۋەتىنىمىزنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەخىرلىنىمىز» دېيىلگەن بولسا، يەنە بىرىدە: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ تۇرپان رايونىمىزدا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى، سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەندىن كېيىن، قاراپ سېلىشتۇرسىڭىز، يەنىلا بىزنىڭ تۇرپان رايونىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى بىلەلەيسىز» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن، خىتاينىڭ سىياسىتى ماختالغان. خەۋەردە بۇلاردىن باشقا يەنە خىتاينىڭ ئاتالمىش «دۆلەت بايرىمى»نى تەبرىكلەش ئۈچۈن «ئانا ۋەتەن مېنىڭ قەلبىمدە، مەن ۋەتىنىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيمەن» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەنلىكى، ھەر قايسى مىللەتلەردىن بولغان ھاجىلارنىڭ دۆلەت بايرىقى ئەتراپىغا يىغىلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ: «ۋەتەن ئۇلۇغ! ۋەتەن ياشىسۇن!» دەپ توۋلاپ كەتكەنلىكى قاتارلىق سەپسەتىلەر تىلغا ئېلىنغان.

ئەينى ۋاقىتتا ئەنە شۇ نومۇسسىزلارچە ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان ۋە: «ۋەتەنگە ۋە يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، بىز ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇشىمىز، لاياقەتلىك تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت بىلەن ياخشى ھاجى بولۇشقا تىرىشىشىمىز، دۆلەتنى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان ياخشى پۇقرا بولۇشىمىز كېرەك، ھەمدە قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاشقۇن ئىدىيەگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، سەمىمىيەت ۋە ھەرىكەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىلەن شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىمىز» دەپ قەسەم بەرگۈزۈلگەن ئۇ ھاجىلارنىڭ بۈگۈن قەيەردە ياكى قايسى جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكى نامەلۇم تۇرماقتا.

مەككىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل خىتايدىن كۆپ ساندا تۇڭگان ھاجىلار كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزگە چېلىقمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەمەلىيەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋازارىتى ھەريىلى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانىغا ئاساسەن، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى بېكىتىدىغان ۋە شۇ دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن ھەر مىليون كىشىگە مىڭ كىشىلىك سان بېرىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 85 مىليونغا يېقىن بولۇپ، تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ رەسمىي باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل تۈركىيەدىن 83 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەج قىلىدىكەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن، خىتاي رېجىمى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى قەستەن ئاز كۆرسىتىش ئۈچۈن 11 مىليون دەپ ئېلان قىلغان ساننى ھېسابلىغاندىمۇ، پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاندىن ئەڭ ئاز 11 مىڭ كىشى ھەجگە كېلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇنىڭغا پۈتكۈل خىتايدىكى تۇڭگان ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى قوشقاندا غايەت زور سان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئەمما ھەجگە ساناقلىق كۈنلەر قالغان مۇشۇ پەيتلەردە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق بېسىملىرى ئاستىدا بولسىمۇ كۆزگە چېلىقماسلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىننى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە كۈچلۈك ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلماقتا.

خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ يىللىق ھەج جەريانىدا مائارىپ يېتەكچىلىكى، داۋالاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىك، يېمەك-ئىچمەك، قاتناش، ياتاق ۋە ھاجىلارنى يوقلاش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئارانلا 60 تىن ئارتۇق خىزمەتچىنى تاللىغانلىقى ۋە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىنىڭ ئۆزىلا ئومۇمىي ساننىڭمۇ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر پۈتۈن دۇنيادا كۆپلىگەن دۆلەتلەر، پارلامېنتلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ب د ت نىڭ رەسمىي دوكلاتلىرىدىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، غەرب دۇنياسىدىن ئانچە-مۇنچە ئاۋاز چىقىۋاتقان بولسىمۇ، دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئەڭ يارقىن ئىپادىلەيدىغان ھەج مەۋسۇمىدا بولسىمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى كېرەكلىكىنى، دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقان خىتاي رېجىمىغا قارشى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1938 قېتىم كۆرۈلدى
16/06/2023 18:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق