دۆلەت باھچەلى پەلەستىن رەئىسىگە قاتتىق رەددىيە بەردى

تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىدىن بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دۆلەت باھچەلى 20-ئىيۇن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھەپتىلىك يىغىندا قىلغان سۆزىدە، پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ خىتايدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە قاتتىق رەددىيە قايتۇرۇپ: «ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تېررورچى دېيىش جىنايەتتۇر، شەرمەندىلىكتۇر، تۈرك مىللىتىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر» دېدى.

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دۆلەت باھچەلى تۈركىيە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى قوللاپ كېلىۋاتقان پەلەستىننىڭ بۇ قىيىن-قىستاقلارنى يوللۇق دەپ قارىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ: «مەھمۇت ئابباس ۋىجدانى قىلچە ئازابلانماستىن بۇلارنى سۆزلىدى. بىز ئۇلارنى قانچە قوللىغانسېرى، بۇ ئاڭ تۈرك مىللىتىگە كىشەن بولماقتا. مەھمۇد ئابباسنىڭ تېررورلۇق ھەققىدە نېمىنى بىلىدىغانلىقىمۇ ئاشكارىلاندى. بىز ئەزەلدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەلدۇق. پەلەستىن دەۋاسىغا ئەمما، لېكىن... دېمەستىن ئىگە چىقتۇق ۋە مەيدانىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئابباس ئەپەندى، ساڭا بۇ يەردىن خىتاب قىلىمەنكى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تېررورچى دېيىش ئادالەتسىزلىكتۇر، گۇناھتۇر، جىنايەتتۇر، شەرمەندىلىكتۇر ۋە قارغىش تەككۈرلۈكتۇر، تۈرك مىللىتىگە قىلىنغان كەچۈرگۈسىز ھۆرمەتسىزلىكتۇر» دېدى.

باھچەلى سۆزلىرىنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرۇپ: «پەلەستىن رەئىسى ئەزەلدىن PKK ياكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى سۆز قىلىپ باقتىمۇ؟ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ باقتىمۇ؟ ئۇ بۇنداق قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىدى. تېررورلۇق شەرقىي تۈركىستاندا ئەمەس، كاندىلدا» دېدى.

ئۇندىن باشقا، پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور نەۋۋاف تەكرۇرىي پەلەستىن رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېزىلگەن ئۇيغۇر خەلقىنى تېررورلۇق بىلەن سۈپەتلىگەنلىكىگە رەددىيە قايتۇرۇپ، بۇنىڭ ناتوغرا ۋە زالىملارچە سۈپەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان ۋە زالىملارغا دۇچ كەلگەن پەلەستىن خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ مەزلۇمغا قارشى زالىم بىلەن بىر سەپتە تۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ باياناتىدا يەنە: «پەلەستىن ئالىملىرى بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇ باياناتنى ئەيىبلەيمىز ۋە ئۇنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئېيتىلغان ئادالەتسىز ۋە زالىملارچە سۆز، دەپ قارايمىز ۋە پەلەستىندىكى بارلىق قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سىلەر بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، سىلەرنىڭ ھەققىڭلاردا زالىمغا يان باسقان ھەرقانداق سۆزلەرنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىمىز» دەپ تەكىتلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئېرفان ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1788 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2023 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق