ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەرەب مېدىيالىرىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

 20-ئىيۇن تۈركىيەدىكى ئىنسان مېدىيا تەتقىقاتى مەركىزىدە ئەرەب مېدىيالىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمەسلىكى، ھەل قىلىش چارىلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنى ئىنسان مېدىيا تەتقىقاتى مەركىزى تەشكىللىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇۋارىس ئابدۇخالىق تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى، ۋەتەن تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇۋارىس ئابدۇخالىق سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، نوپۇسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىش تارىخى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن 1949-يىلدىن باشلاپ، ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەلگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى قاتارلىقلارنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.

ئارقىدىن يەنە شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى، تۈركۈملەپ جازا لاگېرلىرىنى تەسس قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دىندىن چىقىرىش ئۈچۈن، ئۆلىمالارنى تۈرمىگە سولاپ قىرغىن قىلغانلىقىنى، ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قۇرئان كەرىم ۋە ئالاقىدار بار كىتابلارنىڭ ھەممىنى يىغىپ كۆيدۈرگەنلىكىنى، ئەزان ۋە تەكبىرنى خىتاينى ماختايدىغان مەزمۇنلارغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى، چېقىلماي قالغان مەسچىتلەرنى قەھۋەخانا ياكى ساياھەت مەركەزلىرىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چوشقا گۆشى يېيشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى سۈرەتلىك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تونۇشتۇردى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ، جەمئىيەتتە تارقىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر سىياسىي مەسىلە، دىنىي مەسىلە ئەمەس» دېگەن سۆزلەرگە رەددىيە بەردى. ئۇ مەزكۇر سۆزلەرنى خىتاينىڭ تەشۋىق قىلغانلىقىنى، ئارقىدىن ئەرەب ئەللىرى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنىڭغا ئەگەشكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىن «نېمە ئۈچۈن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى ئەركانلىرىغا قارشى تۇرىدۇ ۋە چەكلەيدۇ؟» دېگەن سوئالىنى قويدى. ئۆ خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى بىلەن خىتاي ئىچىدە ياشاۋاتقان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، خىتاي ئاشكارا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن چۈشەندۈردى.

يىغىندا يەنە ئەرەب ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلار نۆۋەت بىلەن پىكىر بايان قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2081 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2023 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق