مەھمۇد ئابباسنىڭ سۆزلىرى سەۋەبلىك تۈركىيە-پەلەستىن كېلىشىمى كۈنتەرتىپتىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 22-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى يېڭىدىن تۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق كېلىشىملەر مەھمۇد ئابباسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرى سەۋەبلىك ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

ئەنقا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەنقەرە پارلامېنت ئەزاسى فۇئات ئوكتاينىڭ رىياسەتچىلىكىدە، بىر قىسىم خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا «تۈركىيە بىلەن پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»دىكى ئالاقىدار مەزمۇنلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

يىغىندا ئىيى پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرە پارلامېنت ئەزاسى كۈرشاد زورلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى تەربىيلەش ھەمكارلىقىغا قارشى تۇرغان.

كۈرشاد زورلۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن باغلىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك تۈركىيە-پەلەستىن ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى مۇزاكىرىسىگە قارشى تۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ مەيدانىنى تۈرك مىللىتىگە ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن. كۈرشاد زورلۇنىڭ نارازىلىقىدىن كېيىن، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» يىغىن كۈنتەرتىپىدىن قالدۇرۇلغان.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەلەستىننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى.

پەلەستىن ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مەھمۇد ئابباسنىڭ تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى تىلغا ئالغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق بايانات بەرمىگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بولسا، تارقالغان خەۋەرلەردە مەزكۇر سۆزلەرنىڭ مەھمۇد ئابباسنىڭ ئاغزىدىن بىۋاسىتە چىققانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى تەرەپ بىرلەشمە باياناتىنىڭ 1-ماددىسىدىلا مەزكۇر سۆزلەرنىڭ بىرمۇبىر تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، مەھمۇد ئابباسنىڭ بۇنى بىلمەي قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەگەردە بار دېيىلگەن تەقدىردە، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتىغا ئېنىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلىنغان مەزكۇر سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە مەھمۇد ئابباسنىڭمۇ قوشۇلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1851 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2023 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق