ئۇيغۇرلار ھەرەمگە بارغان ئىككى مىليوندىن كۆپ ھاجىنىڭ ئارىسىدا كۆرۈنمىدى

بۇ يىل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ھەرەمگە توپ-توپ بولۇپ بارغان بولۇپ، ھاجىلارنىڭ سانى ئىككى مىليون ئۈچ يۈز مىڭغا يەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ھاجىلار ئاساسەن كۆرۈنمىگەن.

ئەلجەزىرە ۋە ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈچ يىلدىن بېرى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سەۋەبلىك، ھەرقايسى دۆلەتلەر چېگرانى تاقىغانلىقى سەۋەبلىك سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سەۋەبلىك ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلمەكچى بولغان ھاجىلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغانىدى.

بۇ يىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بىكار قىلىنىشى بىلەن تەڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار توپ-توپ بولۇشۇپ ھەج ئۈچۈن ھەرەمگە كېلىشكە باشلىدى. خەلقئارا تارتقۇلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىل زۇلھەججىنىڭ 8-كۈنىگىچە ھەرەمگە كەلگەن ھاجىلارنىڭ سانى ئۈچ يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئىككى مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل ئىككى يېرىم مىليونغا يىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنمەكتە.

ھالبۇكى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ھەرەمگە كەلگەن ھاجىلارنىڭ سانى ئىككى يېرىم مىليونغا يېقىنلاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ ئېغىر چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك مۇھاجىرەتتىكى ئاز بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلاردىن باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار ھاجىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى.

بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خۇددى ئىلگىرىكى ھېيتلاردىكىدەك بۇ يىللىق قۇربان ھېيتىنىمۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىندى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 20-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا: «تاڭزۇڭزا بايرىمىدىن كېيىن 29-چېسلا قۇربان ھېيت بولىدۇ، 28-چېسلادىن 30-چېسلاغىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش تەڭشەلمەيدۇ» دېيىلگەن.

خىتاي رېجىمى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئۆمەك شەكلىدە ھەج قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ۋە ھەج مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئىبادەت قىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلماستىن، ئىككى ھەرەمدە كوممۇنىست تەشۋىقاتى پائالىيەتلىرى بىلەن ئاۋارە قىلغان بولسىمۇ، بۇ يىل بۇنىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئارتۇق كۆرگەن.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھەرەمدە ئەتلەس كۆينەك كىيىۋالغان بىر نەچچە كىشىنى ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇڭگان ياكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن.

خىتاي رېجىمى بولسا ھېلىھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ: «ئۇيغۇرلار خاتىرجەم، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت قوغدالماقتا، خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بار» دەپ داۋاملىق جار سالماقتا.

27-ئىيۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئەرەفاتقا يىغىلىپ، ھەجنىڭ ئەڭ مۇھىم رۇكنىلىرىدىن بىرى بولغان ئەرەفاتتا تۇرۇش جەرياندا، تۈركىيەدىن 88 مىڭدىن كۆپرەك ھاجىغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش ئەرەفات مەيدانىدا قىلغان دۇئاسىدا پۈتۈن مەزلۇملارغا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پاجىئەنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلدى.

شۇنداقلا تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تونۇلغان دەۋەتچى، سىيەر تەتقىقات ۋەقفىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن يىلدىرىممۇ ئەرەفات كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان «دۇئالىرىمىز ئەرەفاتقا يۆلەنسۇن» ناملىق پىروگراممىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى نۆۋەتتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر پاجىئەنىڭ ئاخىرلىشىشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى ئۈچۈن ئۇزۇن دۇئا قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3705 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2023 00:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق