مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھېيت خۇشاللىقىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى مۇبارەك ھېيت كۈنلىرىمۇ تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىقتەك ئېغىر ئازابىنى توپلىشىپ ھېيت نامىزى ئوقۇش، ئۆزئارا ھېيتلىشىش ئارقىلىق ئۇنتۇشقا تىرىشتى.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك ۋەتىنىدىن ئايرىلىش، تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە ياكى سالام-سائەت قىلالماسلىقتەك ئازابنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئارقىلىق يېنىكلىتىشكە تىرىشتى.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەمىنئىناچ جامەسىدە ھېيت نامىزى ئوقۇدى. نامازدىن چىقىپ مەسچىت ئالدىدا ئۆزئارا كۆرۈشۈپ، ھېيتلىرىنى تەبرىكلەشتى ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېزراق خىتاي ئىشغالىيىتىدىن ئازاد بولۇشى، ئىرقىي قىرغىنچى خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتى.

  سەفاكۆي رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر مەسچىتىگە يىغىلىپ، ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى. ئۇيغۇر ئىماملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە خۇتبە ۋە تەبلىغدىن بەھرىمەن بولغان جامائەت نامازدىن كېيىن، ئۆزئارا كۆرۈشۈپ، ۋەتىنى، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىش ئازابىنى يېنىكلىتىشكە، ھېيت خۇشاللىقىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىشقا تىرىشتى.

ئۇندىن باشقا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ مەدەنىيەت مەركىزىدە قۇربان ھېيت نامىزىنى جامائەتلىشىپ ئوقۇپ، ئۇيغۇرچە خۇتبە ئاڭلىغان. نامازدىن چىقىپ ئۆزئارا سالاملىشىپ، مۇڭدىشىپ، قەلبىدىكى ۋەتەندىن، تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىش ئازابىنى يېنىكلىتىشكە   تىرىشقان. ھېيت نامىزىغا ئىشتىراك قىلغان جامائەت ئۆزلىرىنى ۋەتەندە ناماز ئوقۇغاندەك ھېس قىلىشقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1930 قېتىم كۆرۈلدى
30/06/2023 00:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق