Toggle navigation ئىستىقلال ژۇرنىلىكارىكاتۇرمۇھىم خەۋەرتەھلىل ۋە مۇلاھىزەماقالىلەرتەرمىلەرتەشكىلاتلارئىسلام دۇنياسىخەلقئاراشەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال ژۇرنىلىكارىكاتۇرمۇھىم خەۋەرتەھلىل ۋە مۇلاھىزەماقالىلەرتەرمىلەرتەشكىلاتلارئىسلام دۇنياسىخەلقئاراشەرقىي تۈركىستان
چاقماق خەەر ئەنگلىيەدىكى 500 مىڭ كىشىنىڭ بىيولوگىيەلىك ئەۋرىشكە ئۇچۇرى خىتايدا سېتىشقا چىقىرىلغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسى ساتقانلىقى ئاشكارىلاندى 2026-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى مۇھىم خەۋەر 2026-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى مۇھىم خەۋەر مائارىپ جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەيئەت سۇرىيەدە زىيارەتتە بولدى تىرامپ خىتايدىن ئىرانغا يوللانغان «سوۋغات»نى تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ساختا تەشۋىقات كىنوسى «ۋەن تۇڭشۇ» قويۇلۇشقا باشلىدى 2026-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى مۇھىم خەۋەر 2026-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى مۇھىم خەۋەر ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايغا قارشى ھەربىي كېلىشىمى قوزغىتىلدى
رۇسىيەنىڭ ئىككى قوغدىغۇچى پاراخوتى 27-ئىيۇن تەيۋەننىڭ شەرقىي تەرەپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتكەن بولۇپ، تەيۋەن ئارمىيەسى ۋەزىيەتنى جىددىي كۆزەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋخجەتەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 27-ئىيۇن يېرىم كېچىدە جىددىي خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئىككى قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ تەيۋەننىڭ شەرقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى ئارقىلىق، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ تىنچ ئوكيان فىلوتىدىن كەلگەن پاراخوتلار فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا ئۇزۇن مۇساپىلىك دېڭىزدىن ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى جىددىي يازما خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئىككى قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا تەيۋەننىڭ شەرقىي دېڭىزى ئارقىلىق جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى، سۇئاۋ سىرقى دېڭىزىدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ جىددىي رايونىدىن ئايرىلغان. بۇلتۇر 2-ئايدا رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، كەڭ كۆلەمدە خەلقئارالىق جازاغا ئۇچرىغان بولۇپ، تەيۋەن بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى جازا سېپىگە قوشۇلغان. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بولسا بارغانسېرى يېقىنلىشىشقا باشلىغان. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي 270-ئىيۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا :«بىز بۇ مەسىلىدە دۇنيا ۋە رايون قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇردۇق. بىز كەلگۈسىدە بۇ خىل كېڭىشىشنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈشنى خالايمىز» دېگەن. تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ بۇ خەۋەر 1615 قېتىم كۆرۈلدى 30/06/2023 14:40:00 ئىنكاسلار ئىنكاس يزىڭ 0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق