ئەنقەرەدە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەنقەرەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىلىشىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ژۇرنالىستلار ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان شەخسلەر ئىشتىراك قىلدى.

يىغىلىشتا بايانات ۋە لېكسىيە تەرىقىسىدە خىتاي رېجىمىنىڭ 14-يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئىشلىگەن قىرغىن قىلىش جىنايىتى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى. ئارقىدىن خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا توختاۋسىز ئىجرا قىلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىپ، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 986 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2023 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق