ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 14 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئىستانبۇلدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

بۇندىن 14 يىل بۇرۇنقى 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنىڭ تىپىك نامايەندىسى بولغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىش خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدەتكىنىچە، خىتاينىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىكى ۋەھشىيانە باستۇرۇشىغا ۋە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلاشتى. نامايىشتا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىسپاتلىق سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پىلاكات كۆتۈرۈلۈپ، مەيدانغا يىغىلغان مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشى نامايان قىلىندى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن بايانات ئوقۇدى. ئۇ باياناتىدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوت پىلتىسى بولغان شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تىنچ نامايىش قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭمۇ بۇ جىنايەتكە كۈچ چىقارغانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ باياناتىدا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىقتىسادىي كۈچى ۋە سىياسىي تەسىرى ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئاۋاز چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق تاراتقۇلارنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توسۇشقا، خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن IHH ياشلار شۆبە رەئىسى مۇھەممەد جىھادچەلىك سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان رايونلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەت، ئىسلام دۇنياسى ۋە شۇنداقلا بارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى رەئىسى نىجاتى جەيلان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق توختىمىغۇچە مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىيانەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئېلى شۈكۈر يىلمازمۇ سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كوممۇنىستلىققا، دىنسىزلىققا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىبادەتلىرى چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىنى تۇتقاندىلا، ئاندىن بۇ خىل زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن خەلقئارا تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجۇ سۆز قىلىپ، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە  بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ غەلىبىسىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاقىنجىلار ھەرىكىتى جەمئىيىتىدىن مەھمەت شاھىن سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى، پىرېزىدېنتتىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەس ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئۇمىد كارۋانى ۋەقفى رەئىسى جامال چىنار سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلاردا ئۈممەت ئېڭى ئاجىزلاشقانلىقى سەۋەبلىك بۇ جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بارلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىلىشتا يەنە ئۇيغۇر قىزى رەشىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇپ، تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىدى.

ئارقىدىن يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى جەمىل جەدىت سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۆپلەپ تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئىسلام دۇنياسىنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا ئىفام ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئېھسان شەنئوجاق ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ نەق مەيدان تارقىتىشىغا قاتناشتى ۋە كۆرۈرمەنلەرگە، نامايىشچىلارغا خىتاب قىلىپ، 14 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ شۇنچە ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدىمۇ، خىتايغا باش ئەگمەي قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى مەدھىيەلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئۆز ھەربىي كۈچىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ ئىكەنلىكىنى، ئاخىرى يەنىلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نامايىش سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىرلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1285 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2023 18:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق