مالايشىيادا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مالايشىيادىكى مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى ABİM 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش تەشكىللىدى.

نۆۋەتتە مالايشىيا خەلقى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى يېقىندىن قوللاۋاتقان، مالايشىيادا تونۇلغان مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى ABIM تەشكىلاتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە، مالايشىيادا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ نامايىش قىلغان.

ABIM نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كۇئالالۇمپۇردا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينىڭ بۇندىن 14 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرغانلىقىغا ۋە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

پائالىيەت ئاخىرىدا خىتاي ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق مەكتۇپى سۇنۇلغان بولۇپ، مەكتۇپتا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى توختىتىشقا، كىشىلىك ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشقا چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1545 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2023 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق