دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەندى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر يىلقىدەك 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىدى.

جۈملىدىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، خىتاينىڭ ئىستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشتا خىتاينىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئىجرا قىلغان قانلىق قىرغىن قىلىش، كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىش جىنايەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەندىن باشقا، خىتاينىڭ ھېلىھەم شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

ئۇندىن باشقا 4-ئىيۇل خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد پامىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئەنقەرەدىكى نىيۇپارك مېھمانخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «ساھىبقىران ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى، دوكتور فاتىھ قوجا ئوغلى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە شائىر، يازغۇچى مۆھتىرەم شاھىن قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

شۇنداقلا 5-ئىيۇل ئەنقەرەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى بىلەن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

5-ئىيۇل يەنە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى كاپىتال رىفلېكتىڭ كۆلى بويىدا ۋە ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىرلا ۋاقىتتا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

كاپىتال رىفلېكتىڭ كۆلى بويىدىكى نامايىش رەسىم كۆرگەزمىسى تەرىقىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىر كۈن داۋاملاشقان كۆرگەزمىدە جازا لاگېرىدىكى ئۇيغۇرنىڭ سۈرەتلىرى دىققەت قوزغىغان. نامايىشقا ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرگىنىيە ۋە مارىلاند ئىشتاتلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ۋە لاگېر شاھىتلىرى قاتناشقان.

شۇنداقلا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ، ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1063 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2023 18:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق