ئىسلام دۇنياسى ياشلار ئۇچرىشىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى

 

11-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىسلام دۇنياسى ياشلار ئۇچرىشىشى بۈگۈن ئەنقەرەنىڭ قىزىلچى ھاممامدا ئېچىلدى. مەزكۇر خەلقئارالىق ئۇچرىشىشنى ئالجىرىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تىنچلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ياشلار شۆبىسى، تۈركىيە ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى، پەلەستىن ھاماس ياشلار ھەرىكىتى قاتارلىق خەلقئارادا تەسىر كۈچكە ئىگە تەشكىلاتلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىندى.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ئالاقە مۇناسىۋەتلىرى مەسئۇلى، ئەرەب-خىتاي مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، خەلقئارا ئالاقە-مۇناسىۋەت ئىشلىرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى شەفىق ئىسمائىل قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن 7-ئىيۇلدىن 9-ئىيۇلغىچە ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئۇچرىشىشقا 50 دىن ئارتۇق ئىسلام ئەللىرىدىن كەلگەن ياش تەتقىقاتچىلار، ئىسلام دۇنياسىدا تەسىرگە ئىگە تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرىدىن بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1839 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2023 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق