ئەنقەرەدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 

ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش» تېمىسىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىدىن سىكوت ۋوردىن، ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقىدىن بىراين ۋوگت، ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى لىبەيلى خانىم، تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار نەق مەيداندا ياكى تور ئارقىلىق ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر، ئاكادېمىكلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇيغۇر كىملىكى، تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرى قاتارلىق تېمىلار بويىچە دوكلات بېرىپ، بىر نەچچە بۆلۈمگە بۆلۈنۈپ داۋام قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1375 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2023 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق