ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر، تەشكىلاتچىلار شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە كۈتۈۋېلىندى

ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش» تېمىسىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 9-ئىيۇل يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە كۈتۈۋالدى.

يىغىلىشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ، خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان بارلىق تەتقىقاتچىلار، ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار، پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلدى.

زىياپەتتە مېھمانلار ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن كۈتۈۋېلىندى. چەت ئەللىك مېھمانلارغا ئۇيغۇر تائام كۈلتۈرى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئادەتلىرى، بىناكارلىق مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر سەنئىتى تونۇشتۇرۇلدى.

زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان مېھمانلار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قۇرۇپ چىققان شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى يىغىنغا قاتنىشىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

زىياپەت ئاخىرىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، بىرلىكنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى»نى قۇرۇپ چىققىنىدەك، تۈرلۈك يىغىلىش، پائالىيەت ۋە تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشىغا ھەر ۋاقىت كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە داۋاملىق چىقىرىدىغانلىقىنى، باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقىمۇ ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 2019-يىلى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىش رەزىل پىلانىغا قارشى تۇرۇش بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، خۇسۇسەن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ئۇنتۇلدۇرماسلىق ۋە راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان. مەزكۇر مەركەز قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تۈركىيەدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر كۈلتۈرى تەتقىقاتچىلىرى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا مەركەزدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1413 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2023 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق