ئىسلام دۇنياسى ياشلار ئۇچرىشىشىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

11-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىسلام دۇنياسى ياشلار ئۇچرىشىشى ئەنقەرەنىڭ قىزىلچى ھاممامدا ئېچىلغان بولۇپ، ئىشتىراك قىلغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر خەلقئارالىق ئۇچرىشىشنى ئالجىرىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تىنچلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ياشلار شۆبىسى، تۈركىيە ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى، پەلەستىن ھاماس ياشلار ھەرىكىتى قاتارلىق خەلقئارادا تەسىر كۈچكە ئىگە تەشكىلاتلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىندى.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ئالاقە مۇناسىۋەتلىرى مەسئۇلى، ئەرەب-خىتاي مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، خەلقئارا ئالاقە-مۇناسىۋەت ئىشلىرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى شەفىق ئىسمائىل قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى.

ئابدۇسالام تەكلىماكان يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، دىندىن چىقىشقا مەجبۇرلاش، مەسچىتلەرنى چېقىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2091 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2023 20:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق