ئوقۇغىن مائارىپى ئىقتىدارلىق ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچىمەكتە

 

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۆسمۈرلەرنى خىتاي مائارىپى ۋە كوممۇنىزم ئىدىيەسىگە مەجبۇرلاپ، ئەقىدىسى ۋە مىللىي ئېڭىنى يۇيۇپ تۈگىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەدە مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇغىن مائارىپى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئۇنىۋېرسال مائارىپ بىلەن تەربىيەلەش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلماقتا.

ئوقۇغىن مائارىپى بۇ يىللىق تەتىل مەزگىلىدىمۇ، يۇقىرىقى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئاساسىي بىلىملەرنى تولۇق ئىگىلىشىگە كاپالەت قىلىش بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن، ئەرەب تىلى، ئىنگلىز تىلى، دىنىي دەرسلەر ۋە دۆلەت مەكتىپىدىكى دەرسلىرىنى كۈچەيتىش ۋە تولۇقلاش قاتارلىقلار تۈرلەر يولغا قويغان. بۇنىڭغا ماس قەدەمدە ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا قىز ئوقۇغۇچىلارغا (ياتاقسىز)، بۈيۈكچەكمەجە رايونىدا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا (ياتاقلىق) دەرسلىك پىروگراممىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئوقۇغىن مائارىپى قۇرۇلغاندىن بېرى، مۇھاجىرەتتىكى ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىلىرىنى تەڭشەش ۋە ئورتاق مىللىي ئاڭ شەكىللەندۈرۈشنى نىشان قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ياشاۋاتقان دۆلەت مائارىپىغا ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىتىش، دىنىي ۋە پەننىي مائارىپتا تەڭ يېتىلدۈرۈش، كەلگۈسىدە كېرەكلىك بولغان بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 3244 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2023 09:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق