كۇۋەيت شىۋېتچىگە تەرجىمە قىلىنغان 100 مىڭ نۇسخا قۇرئاننى شىۋېتسىيەدە تارقىتىشنى قارار قىلدى

كۇۋەيت شىۋېتسىيەدە شىۋېتچىگە تەرجىمە قىلىنغان قۇرئان كەرىمدىن 100 مىڭ نۇسخا تارقىتىپ، تېگى ئىراقلىق سالۋان مومىكانىڭ ئىستوكھولم مەسچىتىنىڭ ئالدىدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى بىلەن قۇرئان كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى قارار قىلدى.

كۇۋەيت خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرلۈشىچە، كۇۋەيت باش مىنىستىرى شەيخ ئەھمەد نەۋۋاف ئەلئەھمەد ئەسساباھنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، 100 مىڭ نۇسخا قۇرئان كەرىم شىۋېت تىلىدا نەشر قىلىنىپ، كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شىۋېتسىيەدە تارقىتىلىدىكەن ۋە بۇ ئارقىلىق شىۋېيتسىيەلىكلەرگە ئىسلامنىڭ سۆيگۈ ۋە خۇش پېئىللىق دىنى ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە پىرىنسىپلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، ئىسلامنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكتە ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىدىغان بىر دىن ئىكەنلىكى نامايان قىلىنىدىكەن.

28-ئىيۇن شىۋېيتسىيەنىڭ پايتەختى ئىستوكھولمدا تىگى ئىراقلىق سالۋان مومىكا ئىستوكھولم مەسچىتىنىڭ ئالدىدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3964 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2023 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق