تەشكىلاتلار بىرلىكى پاكىستان ئۆلىمالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلماقچى بولغان پاكىستان ئۆلىمالىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىككە چاقىرىپ، بايانات ئېلان قىلدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ نارازىلىق باياناتىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى ئىشغال قىلغانلىقى، ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئاتالمىش «شىنجاڭ» دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى، 74 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ۋەھشىيانە تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى، مۇسۇلمانلارنى ئىسلام ئەقىدىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرىغا سولاپ قىرغىن قىلغانلىقىنى، يېقىنقى ئالتە يىل ئىچىدە 16 مىڭ مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكىنى ياكى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئۆلىمالارنىڭ سەمىگە سالدى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولماقچى بولغان ھەيئەت يېتەكچىسى مۇھەممەد ئىسرار مادانى ۋە ھەيئەت ئەزالىرىغا خىتاب قىلىنىپ: «بۇ زىيارەت داۋامىدا پاكىستان ئۆلىما ۋەكىللەر ئۆمىكى دىنىي ئالىمدا بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتكە لايىق ئاللاھتىن قورقۇشى، ئۆزىنىڭ ئىسلامىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. زىيارەت داۋامىدا، خىتاي رېجىمى ئالدىن تەييارلىغان ساختا ئورۇنلارنى ئەمەس، بەلكى پىلانلىق ھالدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىشكە، خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىككە چاقىرىمىز» دېيىلدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى مەزكۇر باياناتنى يەنە پاكىستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى باش مىنىستىر ياردەمچىسى، پىرىزېدېنت ۋەكىلى ۋە بىر نەچچە پارلامېنت ئەزالىرىغا يەتكۈزگەندىن باشقا، پاكىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرىگە يەتكۈزگەن.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا پاكىستانلىق ئۆلىمالاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت مۇھەممەد ئىسرار مادانىي ئىسىملىك ئۆلىمانىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان. بۇ ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقان تەشكىلاتلار بىرلىكى دەرھال ئوردۇچە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، مۇھەممەد ئىسرار مادانىينىڭ تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابىنىڭ ئىنكاس قىسمىغا يوللىغان. ئارقىدىن مۇھەممەد ئىسرار مادانىي نارازىلىق باياناتىنى ياقتۇرغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1189 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2023 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق