ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى رەسمىي باشلاندى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن باشقۇرۇش ۋە باشقا ئۇنىۋېرسال ساھەدە يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ئۈچ ئايلىق كۇرس 10-ئىيۇل رەسمىي باشلاندى.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتناشتى. پىراكتىكا پىروگراممىسى شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى ھەر قايسى ساھەلەردە تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا تەشۋىقات خىزمىتىنى كەسپىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ مۇھاجرەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئىكەن.

بۇ جەرياندا كۇرسانتلار تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاقىدار تەتقىقاتلارغا ۋە كەسپىي ساھەدە ئۇتۇق قازىنىشقا يېتەكلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى رولى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسىنى بېيىتىش ئارقىلىق ئاكتىپ ھالدا خىزمەت سېپىگە قوشۇش مەقسەت قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1657 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2023 17:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق