ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئىستانبۇل ۋالىيسى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لوقمان ھىرا ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى 13-ئىيۇل تەشكىللىگەن يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلىپ، ئىستانبۇل ۋالىسى داۋۇتگۈل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.

يېڭىدىن خىزمەت باشلىغان ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇتگۈل ئەپەندى تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن تونۇشۇش يىغىلىشى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لوقمان ھىرا بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار تونۇشتۇرۇلدى. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1828 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2023 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق