خىتاينىڭ ئىسلام ئۆچمەنلىكى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى

 

16-ئىيۇل ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىدە خىتاينىڭ ئىسلام ئۆچمەنلىكى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

سۆھبەت يىغىنىنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكىلىق داڭلىق تەتقىقاتچى پىروفېسسور، دوكتور خالىد بەيدۇن تەكلىپ قىلىندى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالدى بىلەن دوكتور خالىد بەيدۇن خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ئۆچمەنلىكى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. ئارقىدىن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە  ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىدى.

سۆھبەت ئاخىرىدا دوكتور خالىد بەيدۇن ئوقۇغۇچىلارغا يېقىندا نەشردىن چىققان ئىسلام دۈشمەنلىكى (ئىسلامفوبىيا) ھەققىدىكى كىتابىنى تەقدىم قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 5967 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2023 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق