تۈركىيەدىكى ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى

16-ئىيۇل ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى زالىدا «ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى»نىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئۈمىد مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا (LGS) يۇقىرى نومۇر ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى.

پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. پائالىيەتكە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، توكيو ئىجتىمائىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد رەشىد ئالاز، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى پىروفېسسور، دوكتور خالىد بەيدۇن، سىيەر نەشرىياتى باش مۇھەررىرى مۇھەممەد ئەلى ئەلىئوغلى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى ھەمدە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ئىلمىي ساھەدە كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ نۆۋەتتىكى دەۋردىكى جىددىي ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بارلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى.

پائالىيەتتە بۇ يىل تۈركىيە تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا 488 نومۇر ئالغان ئىككى ئوقۇغۇچى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئالما خاتىرە كومپيۇتېرى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا  HP خاتىرە كومپيۇتېرى، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا سامسۇڭ تاختا كومپيۇتېرى مۇكاپات بېرىلدى. ئۇندىن باشقا، ئىمتىھاندا 400 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان 34 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىرىگە مىڭ لىرادىن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى.

تەقدىرلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتلىرىنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي، ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپىدىن سۈبھىنۇر خانىم، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، سۇتۇق بۇغراخان قىزلار قۇرئان كۇرسى مۇدىرى رەنا ئۇيغۇر خانىم، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىقلار تارقىتىپ بەردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1413 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2023 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق