پاكىستان ئۆلىمالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

پاكىستاندىكى بىر تۈركۈم ئۆلىمالار ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ ھەپتە شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ بېرىپ، «زىيارىتى»نى باشلىغان بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

مەزكۇر زىيارەت ئۆمىكى پاكىستان ئىسلامىي ئىدېئولوگىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى قىبلە ئاياز، خەلقئارا دىنىي ئىشلار تەتقىقات كېڭىشىنىڭ (پاكىستاندىكى ھۆكۈمەتسىز ئورگان) رەئىسى مۇھەممەد ئىسرار مادانىي، پاكىستان دارۇل قۇرئان مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد تاييىب، پاكىستان ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسلام فازىل ئەلى ھەققانىي، ئىسلامىي ئىلگىرىلەش جەمئىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇدىرى ئاسىف لاخۋى قازى، مۇسۇلمانلار تەتقىقات مەركىزى رەئىسى ساھىبزادە سۇلتان ئەھمەد ئەلى قاتارلىق بىر تۈركۈم شەخسلەردىن تەشكىللەنگەن.

پاكىستان زىيارەت ئۆمىكى 17-ئىيۇل قەشقەرگە يېتىپ بارغان بولۇپ، ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلغان. يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن سادىق خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان قورچاق ئىمام، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى مەمەت جۈمە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان دىنىي زاتلار زىيارەت ئۆمىكىنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار 18-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئالاھىدە كۈتۈۋالغان.

كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ما شىڭرۈي بۇرۇنقىدەكلا خەلقنىڭ باياشات، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقى، بارلىق ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يالغان-ياۋىداقلارنى ئويدۇرۇپ چىققانلىقى ھەققىدىكى سەپسەتىلىرىنى تەكرارلاپ بىلجىرلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدا خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قوغداشقا ئېرىشكەنلىكىگە ۋە دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ياخشى قوشنىلار ئىكەنلىكىنى، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى بولسا «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ خىتاي بىلەن، بولۇپمۇ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشقان.

پاكىستان ھەيئىتى ئۈرۈمچىدە شۇ كۈنى يەنە ئاق مەسچىت ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى»نى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىق قورچاق ئەمەلدار، قورچاق ئىماملار ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى پاكىستان «دىنىي زاتلار زىيارەت ئۆمىكى»نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە پاكىستان زىيارەت ئۆمىكىدىكى شەخسلەرنى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلات، ئورگانلىرى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان دىنىي، ئەخلاقىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشقا، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىققا، شەرقىي  تۈركىستان ھەققىدە بايانلىرىدا ھەقىقەتنى سۆزلەشكە چاقىردى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 7465 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2023 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق