ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش تەشكىللەندى

 

شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى 26-ئىيۇل ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى 26-ئىيۇل تۈركىيەگە كېلىشى پىلانلانغان ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش، شۇنداقلا 2014-يىلى 28-ئىيۇل يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى تەشكىللىدى.

نامايىش 26-ئىيۇل سائەت 11:00 دە ئىستانبۇلنىڭ سارىيەر رايونىغا جايلاشقان خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، كەسكىن بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەتەندە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى قەتئىي ئىرادىسى ۋە مەيدانى قايتا نامايان قىلىنىدۇ.

ۋاڭ يى 2021-يىلى 3-ئايدىمۇ تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيە ۋە خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1386 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2023 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق