ئىراقلىقلار شىۋېتسىيەدىكى قۇرئان كۆيدۈرۈشكە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى

ئىراق خەلقى شىۋېتسىيەدىكى قۇرئان كۆيدۈرۈشكە جاۋاب قايتۇرۇپ، شىۋېتسىيەنىڭ باغداد ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

خەلقئارا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 20-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيە باغدادتىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئىراقنىڭ ۋاقىتلىق تاشقى ئىشلار مەسئۇللىرىنى مىنىستىرلىققا چاقىرغان.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 20-ئىيۇلدىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلسترۆم شىۋېتسىيەنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئىراقنىڭ ئىستوكھولمدىكى ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسىنى چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

توبىياس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «يۈز بەرگەن ئىشلارنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، ھۆكۈمەت بۇ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ۋىيېننا ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار» دېگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى شۇ يەر ۋاقتى 20-ئىيۇل سەھەردە شىۋېتسىيەنىڭ ئىراقتىكى باش ئەلچىخانىسى نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئوت كەتكەنلىكى، ئوت قويۇش ۋەقەسىدىن كېيىن باش ئەلچىخانا بىناسىدىن ئاسمان پەلەك ئىس-تۈتەك كۆرۈلگەنلىكى، نەق مەيدانغا ئىراقنىڭ زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ساقچىلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى شىۋېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ھەمدە يول قويۇشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن قۇرئان كۆيدۈرۈش يىغىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 8097 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2023 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق