تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئىستانبۇل ۋالىيسىنىڭ تەكلىپى بىلەن كېڭەش يىغىنىغا قاتناشتى

ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى 21-ئىيۇل تەشكىللىگەن مەسلىھەت يىغىنىغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەكلىپ قىلىندى.

مەسلىھەت يىغىنىغا ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر مەسلىھەت يىغىنىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1257 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2023 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق