سۇدان پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە

سۇدان ئىچكى ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىق سەۋەبلىك پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەلجەزىرە تورىنىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سۇدان «تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئەترىتى» نىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن سۇدان دۆلىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان.

خەۋەردە نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى كونترول قىلىۋاتقان تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىملىرىنىڭ تازىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، رەھبەرلەرنى يوشۇرۇن نىشانلاپ، كونتروللۇقنى تالىشىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك پايتەخت خارتۇم خارابىلىككە ئايلانغانلىقىنى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ پالەچ ھالغا كېلىپ قالغانلىقى، ئەخلەت يىغىش ۋە داۋالاش ياردىمى قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشتىن توختىغانلىقى، سۇدان دۆلىتىنىڭ ۋەيران بولۇش ئالدىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ كىرىزىسنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى نەچچە ئون يىل جەريانىدا دۆلەت رەھبەرلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە دۆلەت ۋە يەرلىك رەھبەرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، 2019-يىلى سابىق پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەل بەشىر تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ دېموكراتىك دۆلەت تۈزۈلمىسىگە ئۆتۈش ئۆتكۈنچى مەزگىلى خاتا باشقۇرۇلغان. بۇ جەرياندا ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قاتارلىق ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن.

نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چوقۇم جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىملىرىنىڭ خەلققە بولغان تەھدىدىنى تۈگىتىپ، سۇدان دۆلىتىنىڭ پۈتۈنلەي يىمىرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكى تەشەببۇس قىلىنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 9861 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2023 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق