ئافغانىستان ۋەكىللىرى ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلدى

ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى ۋەكىللىرى ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى پىلانلىدى.

Asia Nikkei تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ ئايدا ھىندونېزىيە ۋە مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى پىلانلىغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقان ئىقتىسادى قىيىنچىلىقنى چەت ئەل مەبلىغى بىلەن يېڭىش ۋە چەت ئەلنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇش، دەپ قارالغان. گەرچە ھىندونېزىيە بۇ زىيارەتنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر تالىباننى تولۇق ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 12880 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2023 13:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق