تەشكىلاتلار بىرلىكى ئالاھىدە يىغىن چاقىردى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 24-ئىيۇل ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيە ۋە چەت ئەلدىكى تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا جەمئىيەتلەرنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى، تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە پىكىر ئىگىلىرى بىلەن ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئالاھىدە يىغىندا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنغاندىن باشقا، ئىچكى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتە قىلىش، ئاممىۋى مۇناسىۋەت، خەلق دىپلوماتىيەسى، ئالاقىدار پىلانلار ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ۋە مەسلىھەت قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1259 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2023 13:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق