دانىيەدىكى مىسىر ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا قۇرئان كۆيدۈرۈلدى

ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان رادىكال ئۇنسۇرلار دانىيەدە تۇرۇشلۇق مىسىر ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا قۇرئان كەرىم كۆيدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 25-ئىيۇل كوپېنھاگېندىكى مىسىر ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان رادىكال ئۇنسۇرلار قۇرئان كەرىم كۆيدۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى.

دانىيە ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ئەمما سۆز ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغان قانۇنلارغا ئاساسەن ئۇنى توختىتالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، قۇرئان كەرىمگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە دانىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتكە يول قويغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەقە ئارقىلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان ئاقىۋەتنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى دانىيەنى ئىسلامغا قارشى ئۆچمەنلىك ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرغان.

بەھرەين دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىۋېتسىيەنىڭ بەھرەيندە تۇرۇشلۇق تاشقى ئىشلار ۋاكالەتچى خادىملىرىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، ئىستوكھولمدىكى قۇرئان كۆيدۈرۈش قىلمىشىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن.

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى قۇرئان كۆيدۈرۈش ۋەقەسىگە يول قويغان ئاتالمىش «​​پىكىر ۋە نامايىش ئەركىنلىكى» نامى ئاستىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا چاقىرغان.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىلىرىنى چاقىرىپ، قۇرئان كەرىمىگە بىھۆرمەتلىك قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسلام دۇنياسىدىكى نارازىلىق دولقۇنىدىن چۆچۈپ كەتكەن دانىيە ھۆكۈمىتى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىنى «ئىغۋاگەرچىلىك ۋە نومۇسسىزلىق» دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما رادىكال ئۇنسۇرلارنى توسۇش كۈچىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 13216 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2023 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق