ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ بۈگۈنكى تۈركىيە زىيارىتىگە غەزەپ-نەپرەت بىلدۈرۈش، شۇنداقلا يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ توققۇز يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 26-ئىيۇل ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشتا ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى ۋە شۇنداقلا 2014-يىلى 28-ئىيۇل يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىق خاتىرىلىنىپ، بايانات ئېلان قىلىندى.

ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتتا 2014-يىلى 28-ئىيۇل يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقتا خىتاي رېجىمىنىڭ ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ۋاڭ يىنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشقا، لاگېرلارغا سولانغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئۇندىن باشقا يەنە تۈركىيەنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا كونسۇلخانا تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا بارغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام ئەرەبچە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، مەسچىتلەرنى چاققانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنى دىندىن چىقىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتايغا ئالدىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇپ، ئىسلامىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

نامايىش سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىرلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1355 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2023 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق