تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى 27-ئىيۇل ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىس ۋە مۇدىرىيەت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى.

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى سايلام ئارقىلىق يېڭى رەئىس ۋە مۇدىرىيەت ئەزالىرىنى سايلاپ چىققان بولۇپ، يېڭىدىن باشقۇرۇش ھەيئىتى تەشكىللەندى. ئىمام ھەسەن ئۆزتۈرك جەمئىيەتنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ئابدۇغېنى ئابدۇراھمان باش كاتىپ، ئەبۇبەكرى ئىدىقۇت مۇئاۋىن رەئىس، خېلىل ئاتامان مۇئاۋىن رەئىس، نېمەتۇللاھ ئۇيغۇرشاھ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئابدۇقابىز زائوغلى مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئابدۇلھەمىد كۇچا مۇدىرىيەت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان سابىق رەئىس تاھىر كۆكبايراقنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلۈپ، خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1674 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2023 17:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق