تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ياپونىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىدى.

مەزكۇر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بىرلىكىنىڭ ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ۋە بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ياپونىيەدىكى دۆلەت ئەربابلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاكادېمىكلار ۋە باشقا مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىش پىلانلانغان.

ھەيئەت 31-ئىيۇل زىيارەتنىڭ تۇنجى كۈنىدە ياپونىيەنىڭ سابىق ئىقتىساد ۋەزىرى، ياپونىيە ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى رەئىسى سېئىشۇ ماكىنو ۋە ياپونىيە پارلامېنتىدىكى تىبەت، موڭغۇلىيە، تەيۋەن، خوڭكوڭ ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا بىر قىسىم ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار بىلەن جەم بولۇپ، ياپونىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى 8-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يىرىكلىشىۋاتقان، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ياپونىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.

بۇ خەۋەر 2049 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2023 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق