تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ ياپونىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى داۋام قىلماقتا.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بىرلىكنىڭ ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ۋە بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت 1-ئاۋغۇست ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى خىروفۇمى رىيۇ ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قوللىشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىككى دوست خەلقنىڭ ئورتاق ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا توختالدى.

ھەيئەت ئارقىدىن ياپونىيەدىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان سىياسىتى، ئىقتىساد ۋە سىياسەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شىنجى كاۋاساكا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى بۈگۈن يەنە ياپونىيە ئالىي پالاتا ئەزاسى شۇ ۋاتانابې ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئىشى باش ۋە مارۇ ياما بىلەن كۆرۈشۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللىشىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى.

ھەيئەت 31-ئىيۇل كەچتە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، رەۋز ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ خوجايىنى خالمەت روزى ۋە ياپونىيەدىكى ياشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەتتە بولغانىدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ زىيارىتى 8-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ،  زىيارەت جەريانىدا ياپونىيەدىكى دۆلەت ئەربابلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاكادېمىكلار ۋە باشقا مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىش پىلانلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1125 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2023 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق