تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى داۋاملاشماقتا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ ياپونىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى داۋاملاشماقتا.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بىرلىكنىڭ ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ۋە بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت 2-ئاۋغۇست ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىنى زىيارەت قىلىپ، كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى كىيوشى ئۇئېدا بىلەن كۆرۈشكەن. سۆھبەت جەريانىدا پۈتكۈل دۇنيا، شۇنداقلا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇۋاتقان خىتايغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاق قۇرۇش ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.

ھەيئەت 3-ئاۋغۇست يەنە ياپونىيەنىڭ شىزۇئوكا ئىشتات پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تانزاۋا تاكاھىسا، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل پارلامېنت ئەزالىرى ۋە يەرلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغان. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بېرىپ، ئۇلاردىن ياپونىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش پىلانىغا ئاساسەن داۋاملىشىۋاتقان خىزمەتلەرنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ زىيارىتى 8-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ياپونىيەدىكى دۆلەت ئەربابلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاكادېمىكلار ۋە باشقا مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىش پىلانلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1179 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2023 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق