پاكىستان تۈركىيەنى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى»غا تەكلىپ قىلدى

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف تۈركىيەنى «خىتاي پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى»غا تەكلىپ قىلىپ: «نەچچە مىليارد دوللارلىق چوڭ مەبلەغ تۈرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئەنقەرەنى بۇ سودىغا تەبىئىي شېرىك، دەپ قارايمىز» دېدى.

يېڭى شەپەق خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف 2-ئاۋغۇست ئىسلامئابادتا تۈركىيەنى نەچچە مىليارد دوللارلىق خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ (CPEC) شېرىكى بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شاھباز شەرىف خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى چوڭ مۇۋەپپەقىيەت دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ سودا يولى چوقۇم خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارقىلىق يۈرۈشكەن سودا مىقدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان باش مىنىستىرى پورت شەھىرى كاراچىدا ئۆتكۈزۈلگەن پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى تۆتىنچى MILGEM كورۋېت پاراخوتىنى سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئەنقەرە ئىقتىسادىي كارىدورنىڭ تەبىئىي ھەمراھى بولۇپ، ئىسلامئابادتا تۈركىيەنى نەچچە مىليارد دوللارلىق تۈرگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، كۆپ دۆلەت خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى رايوندا بايراقدار ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارايدىغان بولۇپ، بۇ تۈر 2014-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەنۇبىي ئاسىيادا 25 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى جەلپ قىلغان. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىپ، غەربىي جەنۇبتىن بالۇجىستان ئۆلكىسىدىكى گۋادار پورتى ئارقىلىق ئەرەب دېڭىزلىرىغىچە تۇتاشقانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى نويابىردا شاھباز شەرىف ئىستانبۇلدا تۆت دانە MILGEM كورۋېت پاراخوتىنىڭ ئۈچىنچىسىنى سۇغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيەنى نەچچە مىليارد دوللارلىق تۈرگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى ئۇزارتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شاھباز شەرىف سۆزىدە يەنە خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ خىتاي، پاكىستان ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا ئايلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەزكۇر تەكلىپىنى بىرلەشمە ھەمكارلىق دەپ ئاتىغانلىقىنى، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ پۈتكۈل رايونغا گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 12701 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2023 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق